Channel Avatar

RFA Uyghur @UC4ofYfen2Nn-NPdbyVv6E6g@youtube.com

20K subscribers - no pronouns :c

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئەركىن خەۋەر ئاڭلاش ئىم


Welcoem to posts!!

in the future - u will be able to do some more stuff here,,,!! like pat catgirl- i mean um yeah... for now u can only see others's posts :c

RFA Uyghur
Posted 8 months ago

ئەسىرگە سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك | 5-قىسىم

ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن 1960-يىللاردا، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىيوسى»نىڭ ئۇيغۇرچە پىروگراممىلىرىمۇ بارغانسېرى جانلىنىدۇ. دەل مۇشۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا «ئازادلىق رادىيوسى» تەرىپىدىن نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابقا ئەۋەتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىغان مۇخبىرلىققا تەيىنلىنىدۇ. غۇلامىدىن پاختا ئائىلىسىنى ئېلىپ، نيۇ-يورك شەھىرىگە يەرلەشكەن 1966-يىلىدا، پۈتكۈل ئامېرىكىدا ئاران ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مەۋجۇت ئىدى.





Әсиргә Созулған Вәтәнсизлик | 5-Қисим



Америка билән сабиқ Советлар Иттипақини мәркәз қилған икки лагер оттурисидики соғуқ уруш әвҗигә көтүрүлгән 1960-йилларда, Германийәниң Мйунхен шәһиридин аңлитиш беридиған «Азадлиқ Радийоси»ниң Уйғурчә пирограммилириму барғансери җанлиниду. Дәл мушу йилларда Ғуламидин Пахта «Азадлиқ Радийоси» тәрипидин Нйу-Йорктики баш иштабқа әвәтилип, Оттура Асийа хәвәрлирини аңлитидиған мухбирлиққа тәйинлиниду. Ғуламидин Пахта аъилисини елип, Нйу-Йорк шәһиригә йәрләшкән 1966-йилида, пүткүл Америкида аран икки нәпәр Уйғур мәвҗут иди.

1 - 0

RFA Uyghur
Posted 9 months ago

رامىزان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Рамизан Ейиңларға Мубарәк Болсун!

33 - 1

RFA Uyghur
Posted 11 months ago

ئەسىرگە سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك | 4-قىسىم

1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، غەربىي گېرمانىيەگە بارغان ياش غۇلامىدىن پاختا بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، ميۇنخېندىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان «ئازادلىق رادىيوسى»دا يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش دەسلەپكى ھەپتىدە 5 مىنۇتتىن يېرىم سائەتكە تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ياش غۇلامىدىن پاختانىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىمۇ مۇھەببەتلىك ئائىلە ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلىدۇ. 1949-يىلىدىكى ھىجرەت سەپىرىدە كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىدىكى بىر بۇلاق بويىدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق گۈزەل قىز گۈلنار، ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە غۇلامىدىن پاختانىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ...

0 - 0

RFA Uyghur
Posted 11 months ago

Әсиргә Созулған Вәтәнсизлик | 4-Қисим

1950-Йилларниң иккинчи йеримида Түркийәдин айрилип, Ғәрбий Германийәгә барған йаш Ғуламидин Пахта бирқанчә йиллиқ тиришчанлиқ нәтиҗисидә, мйунхендин аңлитиш бериватқан «Азадлиқ Радийоси»да йеңи бир сәһипә ачиду. Уйғурчә аңлитиш дәсләпки һәптидә 5 минуттин йерим саъәткә тәрәққий қилиду. Бу йилларда йаш Ғуламидин Пахтаниң шәхсий турмушидиму муһәббәтлик аъилә һайатиниң муқәддимиси ечилиду. 1949-Йилидики Һиҗрәт сәпиридә Кәшмирниң Сиринагар шәһиридики бир булақ бойида тасадипий учришип қалған Шәрқий Түркистанлиқ гүзәл қиз Гүлнар, аридин он йиллар өткәндә Ғуламидин Пахтаниң өмүрлүк һәмраһи болуп қалиду...

0 - 0

RFA Uyghur
Posted 1 year ago

ياپونىيە پارلامېنتىدا ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

Yaponiye Parlaméntida yangrighan uyghur sadasi

0 - 0

RFA Uyghur
Posted 1 year ago

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئارفىيە ئېرى «يانارىم يوق»ئنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن مەيدانىنى لەرزىگە كەلتۈردى

Йапонийә Парламентиниң Әзаси Арфийә Ери «Йанарим Йоқ»ни Декламатсийә Қилип, Йиғин Мәйданини Ләрзигә Кәлтүрди



Yaponiye Parlaméntining Ezasi Arfiye Éri «Yanarim Yoq»ni Déklamatsiye Qilip, Yighin Meydanini Lerzige Keltürdi

0 - 0

RFA Uyghur
Posted 1 year ago

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىسسسەسىگە بېغىشلانغان يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا،مۇھەممەد ئەلى ئورخۇننىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان دۇنياسى يورۇتۇلغان. مۇھەممەد ئەلى 1991-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 2014-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ ھازىر شېرىكى مۇزەپپەر بىلەن بىللە بىر رېستورانغا ئىگىدارچىلىق قىلماقتا. ئۇلارنىڭ رېستورانى خېرىدارلارغا لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان، ياشلارغا تەۋەلىك ھېسسىياتى ۋە ئۆزئارا قوللاش تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىغان بىر جامائەت سورۇنىغا ئايلانغان.

0 - 0

RFA Uyghur
Posted 1 year ago

Уйғур Кишилик Һоқуқ Қурулуши 30-Авғуст бир доклат елан қилип, Уйғур Райониға сайаһәткә беришниң җинайәткә көз йумушла әмәс, Хитайға йардәм бериш болидиғанлиқини оттуриға қойған һәмдә Уйғур райониға сайаһәткә беришни тохтитишқа чақирған.
uy.rfa.org/fbkmx5

13 - 0

RFA Uyghur
Posted 1 year ago

Норвигийәдики Уйғур сәнәткар Әкрәм Иминниң бу қетимқи сәнәт көргәзмисидә, Уйғур һайати вә мәдәнийити тонуштурулғандин башқа, Уйғурлар учраватқан ирқий қирғинчилиқ вәзийитиму әкс әттүрүлгән. ➤ uy.rfa.org/2gLphN

28 - 2

RFA Uyghur
Posted 1 year ago

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 30-ئاۋغۇست بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشلا ئەمەس، خىتايغا ياردەم بېرىش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
uy.rfa.org/3S4ERK

6 - 0